Tarixiy Eminiye

(mollamusa sayrami)eminiy

موللا مۇسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ »تارىخىي ئهمىنىيه«سى

موللا مۇسا سايرامى )موللا مۇسا ئىبنى موللا ئىيسا خوجا سايرامى( 1836- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيىسىگه تهۋە سايرام رايونىنىڭ ئانىقىز يېزىسى توغايلا

مهھهللىسىدە بىر دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كهلگهن.

موللا مۇسا سايرامى 1847- يىلى 9- ئايدا، دادىسىنىڭ تهشهببۇسى بىلهن كۇچادىكى ساقساق مهدرىسىدە ئوقۇيدۇ. ئۇ يهردە ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇننىڭ تهربىيىسىدە ئهدەبىيات، تارىخ، كالېندارچىلىق، ئاسترونومىيه، گرامماتىكا، ماتېماتىكا ۋە ئىسلامىيهت پهنلىرىنى ئوقۇيدۇ. ئهرەب، پارس، ئوردۇ تىللىرىنى ئۆگىنىپ، ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا زور ئۇتۇق قازىنىدۇ. 1854- يىلى، موللا مۇسا سايرامى مهكتهپنى پۈتتۈرۈپ، بايغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە سايرام

مهدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلىدۇ.

 



Categories: Tarixiy Eserler

%d bloggers like this: